ھىندىستان دائىرىلىرى دولقۇن ئەيساغا بېرىلگەن ۋىزىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئاقلىغان

ھىندىستان دائىرىلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيساغا بېرىلگەن ۋىزىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئاقلاشقا تىرىشقان.


ھىندىستان دائىرىلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيساغا بېرىلگەن ۋىزىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئاقلاشقا تىرىشقان.

ھىندىستاندىن چىقىدىغان«دېككان خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ 29 - مارت خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋىكاس سۋارۇپ دولقۇن ئەيساغا بېرىلگەن ۋىزىنىڭ خاراكتېرى مەسىلىسى ئۇنىڭ ۋىزىسى بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «دولقۇن ئەيسا ئېلېكترونلۇق ۋىزا سىستېمىسى ئارقىلىق ساياھەت ۋىزىسى ئىلتىماس قىلغان ۋە ئۇنىغا ۋىزا بېرىلگەن. ۋىزا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن دولقۇن ئەيسا ئۆزىنىڭ ھىندىستانغا بىر يىغىنغا كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتتىن باشقا ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى ۋىزا ئىلتىماسىدا ئېنىق كۆرسىتىلگەن.»

28 - ئاپرېل ھىندىستاننىڭ دارامسالادا رايونىدا «خىتايدىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەر ۋە دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئۆز - ئارا دىئالوگى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلغان. ھىندىستان ھۆكۈمىتى مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىدىن دولقۇن ئەيسا ۋە ئىلشات ھەسەن قاتارلىق 2 كىشىگە ۋىزا بەرگەن.

ھالبۇكى، ھىندىستان دائىرىلىرى 23 - ئاپرېل قارار چىقىرىپ، دولقۇن ئەيسانىڭ ۋىزىنى بىكار قىلغان، بۇ خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

ئەينى چاغدا ھىندىستاننىڭ خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبلىك دولقۇن ئەيساغا بېرىلگەن ۋىزىنى بىكار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن، سەيشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىمۇ بۇنىڭدا قولى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

ھىندىستان ھۆكۈمىتى دولقۇن ئەيسادىن باشقا يەنە ئىككى نەپەر خىتاي ئۆكتىچىنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلارنىڭ بىرى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تيەنئەنمېن ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى لۇ جىڭخۇا، يەنە بىرى رېي ۋاڭ ئىسىملىك خوڭكوڭلۇق ئۆكتىچى ئىكەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org