ھىندىستان خىتاينىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ چېگراغا يېقىن جايدىكى ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
2022.12.01
ھىندىستان تاراتقۇلىرى 1 – دېكابىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ بىر قانچە قېتىم خىتايغا يېقىن شەرقىي شىمالدىكى ئەمەلىي كونترول لىنىيەسنى بويلاپ ھىندىستان زېمىنىغا قاراپ ئۇچماقچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
ھىندىستاندا چىقىدىغان «ئاسىيا خەلقئارا خەۋەرلەر تورى»نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى رايوندىكى كۈچەيتىلگەن رادار تورى بىلەن شەرقىي شىمالدىكى خىتاينىڭ ئۇچۇش پائالىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىدۇ. ئادەتتە ۋەزىيەت تىنچ بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى ۋاقىتلاردا خىتاينىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى تەرەپكە قاراپ ئۇچقان ئەھۋاللىرىمۇ يۈز بەردى».
ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى دائىرىلىرى باياناتىدا يەنە، ئەگەر خىتاينىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئەمەلىي كونترول لىنىيەسگە پاراللېل ئۇچماي، ھىندىستان زېمىنىغا قاراپ ئۇچقان تەقدىردە دەرھال كېرەكلىك تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ لاداخ رايونىدىكى تېررىتورىيەلىك سۈركىلىشلىرىدىن كېيىن خىتاي – ھىندىستان بۇ رايوندا ئەمەلىي كونترول قىلىش لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئايروپىلانلىرىنى بۇ لىنىيەنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشىنى چەكلىگەن ئىكەن.
بۈگۈن، يەنى 1- دېكابىر كۈنى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو تىۋىتتىر ئارقىلىق بۇ ئەھۋالغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينى ئەيىبلىگەن. ئۇ بايانىدا :« خىتاي ئارمىيەسى تىبەتنىڭ ھىندىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان دەتالاشتىكى رايونىغا يېقىن جايدا ھەربىي قاراۋۇلخانا قۇردى. يەنە كېلىپ، تاجاۋۇزچىلىق ھەربىي تاكتىكىسىنى ئىشلىتىپ، ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە بىر دۆلەتنى قورقۇتۇپ، تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. بىز مۇھىم شېرىكىمىز ھىندىستان بىلەن بىرگە» دەپ يازغان.