ھىندىستاننىڭ كالكۇتتا شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدا خىتاينىڭ كالكۇتتادا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدى نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋېلىنغان دىنىي ھەق -ھوقۇقلىرىنى دەرھال قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
«ياۋرو-ئاسىيا تەقرىزى» ناملىق تور ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 10-فېۋرال كۈنى بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار كالكۇتتانى بازا قىلغان «ئىسلام تىنچلىق جەمئىيىتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا كالكۇتتانىڭ تۇزلۇق كۆل رايونىغا جايلاشقان خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغان. خىتاينىڭ كالكۇتتا كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئىلگىرى خىتايغا قارشى تىبەتلەرنى قوللاپ كۆپ قېتىم نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نامايىش ئىكەن. نامايىشتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرغانلىقىغا ئائىت لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھەم شوئارلارنى توۋلىغان نامايىشچى ئامما يەنە، خىتاينىڭ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى ئارۇناچال پرادېش ئىشتاتىنى ئۆزىنىڭ خەرىتىسىدە خىتاي زېمىنى قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىگىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
«ياۋرو-ئاسىيا تەقرىزى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، كالكۇتتادىكى «ئىسلام تىنچلىق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى شەيخ نەجىبۇللاھ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، «خىتاي دائىرىلىرى ئىسلامنىڭ بىر كۈندە بەش ۋاق ناماز ئوقۇش پەرزىنى چەكلىدى ھەمدە مۇسۇلمانلارنىڭ ساقال قويۇشى، ئاياللارنىڭ ھىجابلىنىشىغا قارشى ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ئون مىڭلىغان مۇسۇلماننى كوممۇنىستلاشتۇرۇش، دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن، قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا يوللىدى» دېگەن. شەيخ نەجىبۇللاھنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە «شىنجاڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن غايەت زور تۈرمىگە ئايلانغان بولۇپ، ئون مىڭلىغان خىتاينى بۇ رايونغا يۆتكەشتىن ئىبارەت نوپۇس تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىماقتا» ئىكەن. كالكۇتتادىكى بۇ نامايىش خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ دىنىي ئۆلىمالىرىنى، دىپلوماتلىرىنى، ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان، شۇنىڭدەك بۇ دۆلەتلەر ب د ت دىمۇ خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى قوللاۋاتقان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن. «ياۋرو-ئاسىيا تەقرىزى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەيخ نەجىبۇللاھ، «بۇرۇن تىبەتتە بولغانلار ھازىر شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى كۆپسانلىقچىلىق (Majoritarianism) نىڭ ئەڭ يامان شەكلى» دېگەن.