ھىندىستاندىكى ئۆزىگە ئوت قويۇپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن تىبەت ياش ئۆسمۈر ۋاپات بولدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.03.04

ھىندىستان دوختۇرخانا دائىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 1 - مارت كۈنى ئۆزىگە ئوت قويۇپ، خىتاينىڭ تىبەتتىكى ھۆكۈمرانلىق سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن 16 ياشلىق تىبەت بالا - دورجى سېرىڭ دۈشەنبە كۈنى ۋاپات بولغان.

دورجى سېرىڭ 1 - مارت ھىندىستاننىڭ دېھرادۇن شەھىرىدە ئۆزىگە ئوت قويغان. بەدىنىنىڭ 98% ى كۆيۈپ كەتكەن دورجى سېرىڭ، يېڭى دېھلىدىكى بىر دوختۇرخانىغا يۆتكەپ كېلىنگەن ئىدى. دوختۇرخانا باياناتچىسى پونام داندا جۈمە كۈنى فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، دورجى سېرىڭنىڭ پەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 9:00 ئەتراپىدا ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 16 ياشلىق بۇ تىبەت ئۆسمۈر ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن، «بالىلىقىمدىن بېرى تىبەت ئۈچۈن بىر ئىش قىلىش نىيىتىم بار ئىدى» دېگەن.

لوندوندىكى ئەركىن تىبەت ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دورجى سېرىڭ بىلەن چەتئەلدە ئۆزىگە ئوت قويغان تىبەتلەر 9 كىشىگە يېتىپ بارغان. دورجى سېرىڭ ئۆزىگە ئوت قويغان دۈشەنبە كۈنى سىچۈەننىڭ كاردزې )گەنزى(ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى رېسوخا ئىبادەتخانىسىنىڭ يېنىدا بىر تىبەت راھىب ئۆزىگە ئوت قويغان. ئۇ، ئوت ئىچىدە تۇرۇپ «مۇستەقىل تىبەت» دەپ شۇئار توۋلىغان.

تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، 19 ياشلىق ئۇ راھىب دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىپ بېرىپ يولدا ئۆلگەن. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى تىبەت بۆلۈمى، يېقىنقى 5 يىلدا خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزىگە ئوت قويغان تىبەتنىڭ 144 كە يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.