ھىندىستاندا خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى قوزغالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-03-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى پاكىستاننى بازا قىلغان «جەيىشى مۇھەممەد» ناملىق قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە ئېلىنىشىنى توسۇپ قويغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قوراللىق گۇرۇپپا 14-فېۋرال كۈنى كەشمىردىكى ھىندىستان ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاز دېگەندە 40 نەپەر كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان. بۇ كەشمىرنىڭ تالاش-تارتىشتىكى 30 يىللىق تارىخىدا ئاز كۆرۈلگەن قانلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن يۇقىرىقى بۇ قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى مەسئۇد ئازھارغا قورال ئېمبارگوسى، ساياھەت چەكلىمىسى قويۇش ۋە مال-مۈلكىنى توڭلىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خىتاي بۇ تەلەپتە بەزى «تېخنىكىلىق مەسىلىلەر» بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قارار ئېلىنىشىنى توختىتىپ قويغان.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە مەزكۇر قارارنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى «رايوندا مۇقىملىق ۋە تىنچلىق بەرپا قىلىش ھەققىدىكى ئورتاق كېلىشىملەرگە قارشى چىققانلىق،» دېگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ يۇقىرىقى بۇ ھەرىكىتى ھىندىستاندا خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ بايقۇت قىلىنىشىغا يول ئاچقان. ھىندىستاندىكى مۇھىم ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان ۋە 70 مىليوندىن ئوشۇق ئەزاسى بولغان «ھىندىستان تىجارەتچىلەر ئىتتىپاقى» پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، مەملىكەت مىقياسى بويىچە خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى قوزغىغان. ئۇلار 19-مارت كۈنى خىتايغا «بىر دەرس بېرىپ قويۇش ئۈچۈن بارلىق خىتاي ماللىرىنى كۆيدۈرىدىغانلىقى» نى جاكارلىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت