خىتاي ۋە ھىندىستان بېيجىڭدا چېگرا مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى

خىتاي خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى 20 ‏- ئاپرېل كۈنى بېيجىڭدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان ساقلىنىۋاتقان چېگرا مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەن.

خىتاي خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى 20 ‏- ئاپرېل كۈنى بېيجىڭدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان ساقلىنىۋاتقان چېگرا مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەن.

تۈركىيە ت ر ت رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ ھەپتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 19-قېتىملىق خىتاي-ھىندىستان چېگرا مەسىلىسى ئالاھىدە ۋەكىللىرى يىغىنى دائىرىسىدە خىتاي دۆلەت كومىسسارى ياڭ جىيچى بىلەن ھىندىستان دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەمەلدارى ئاجىت دوۋال كۆرۈشۈپ، «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇزاكىرىلەرنىڭ تىنچ ھالەتتە داۋاملىشىشى مەسىلىسىدە ھەم پىكىر ئىكەنلىكلىرى» نى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بولسا ياڭ بىلەن دوۋالنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ئىختىلاپلاردىن بەكرەك ئورتاق مەنپەئەتلەرگە مەركەزلەشكەنلىكلىرىنىمۇ بىردەك تەكىتلەشكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان تالاش-تارتىش بولۇپ كېلىۋاتقان 2000 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشىگە سەۋەب بولۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. يەنى ھىندىستان مېكىماخۇن سىزىقى دەپ بېكىتىلگەن چېگرالار ئۈستىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا تېخىمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكى تارىخىي چېگرالارنىڭ ئاساس قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org