ھىندىستان بىلەن خىتاي چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.12.13

ھىندىستان بىلەن خىتاي ئەسكەرلىرى ئالدىنقى ھەپتە ئىككى دۆلەتنىڭ تالاشتا قالغان چېگرا رايونىدا توقۇنۇشقان.

ئامېرىكا دۆلەتلىك تاراتقۇ شىركىتى (NBC) نىڭ 13-دىكابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى بۇ ۋەقەنىڭ راستلىقىنى ئېيتقان. بۇ توقۇنۇش 2020-يىل 6-ئايدا ھىندىستان بىلەن خىتاي چېگراسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشتىن كېيىن چىققان زوراۋانلىق ۋەقەسى ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى 9-دېكابىر كۈنى ھىندىستاننىڭ شەرقىدىكى ئارۇناچېل پرادېش (Arunachel Pradesh) رايونىغا قانۇنسىز كىرىپ، يارلۇزاڭبۇ دەرياسى بويىغا يېقىن چېگرا رايوندىكى تالاشتا قالغان زېمىننى ئۆزگەرتمەكچى بولغاندا ھىندىستان ئەسكەرلىرى بىلەن توقۇنۇشقان. ھىندىستان تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ توقۇنۇشتا ھىندىستان ئەسكەرلىرى ۋە خىتاي ئەسكەرلىرى تەڭ يارىلانغان.

ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ چېگراسى غەربتە لاداخ يولىدىن شەرقتە ئارۇناچېل پرادېشقىچە سوزۇلغان بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگراسىدىكى ئېنىقسىزلىق 1962-يىل يۈز بەرگەن خىتاي-ھىندىستان ئۇرۇشىدىن تارتىپ نەچچە ئون يىل داۋام قىلىپ كەلگەن توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولغانىدى. 2020-يىل يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 20 ھىندىستان ئەسكىرى، 4 خىتاي ئەسكىرى ئۆلگەنىدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستان بىلەن خىتاي ھازىر ئىككى دۆلەتنىڭ چېگراسىنى بويلاپ ئون مىڭلارچە ئەسكەر، تانكا ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئورۇنلاشتۇرغان. خىتاي تەرەپ چېگرادىكى ئەسكەرلىرىنى ئازايتىش ھەققىدە ھىندىستانغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغان. بۇ ئەھۋالدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەت يەنىلا داۋام قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.