ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسى خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.05.22

 ئامېرىكانىڭ «ھەپتىلىك خەۋىرى» نىڭ 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ ئۇرۇش پاراخوتى 20-ماي كۈنى جەنۇبىي دېڭىزدا تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ۋە جىددىيلىك كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا فىلىپپىنغا كەلگەن.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان ۋە فىلىپپىننىڭ خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بېسىمىغا دۇچ كېلىپ، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بۇ قارارغا كەلگەن ئىكەن. ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى راجېش دانخار فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ھەرىكەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن قوماندانى رولاندو لىزور بىلەن كۆرۈشۈپ، رايون بىخەتەرلىك مۇھىتى ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنىڭ يوللىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. ئۇلار بۇ توغرۇلۇق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا بايانات ئېلان قىلغان.

 دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى دانخار مۇنداق دېدى: «ئىككى دېڭىز ئارمىيەسى كۈچلۈك دوستلۇق رىشتىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ھەر پۇرسەتتە ئىزچىل دېڭىز-ئوكيان ھەمكارلىق مانېۋىرىغا قاتنىشىپ كەلدى. ھىندىستان بىلەن فىلىپپىن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرتىپىنى قوغداشتا ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە».

 خىتاي ئېنېرگىيەگە باي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ كۆپىنچىسىدە ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. گەرچە بۇ تەلەپلەر 2016-يىلى خەلقئارا سوتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دېڭىز مۇھاپىزەت ئەترىتى، يېرىم ھەربىي ۋە بېلىقچىلىق كېمىلىرىنىڭ فىلىپپىن ۋە باشقا بىر قانچە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونىدا داۋاملىق پائالىيەت قىلغانلىقى بىلىنمەكتە.

مەزكۇر خەۋەردە خىتاي ئۆزىنىڭ دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان مەزگىلدە، ھىندىستان، فىلىپپىنغا ئوخشاش دۆلەتلەر ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش پىروگراممىلىرىنى باشلاپ ۋە ئامېرىكا ۋە باشقا شېرىكلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتكەن. ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن بىرلىكتە قۇرغان تۆت دۆلەت بىخەتەرلىك دىيالوگى يەنى تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى ھىندىستاننىڭ رايون بىخەتەرلىكىدە تېخىمۇ چوڭ رول ئويناشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.