ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاينى چېگرا كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن

ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى راجنات سىڭ خىتاينى ئۆز-ئارا چېگرا كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ «پۈتكۈل ئاساسى» غا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ 3 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چېگرادىكى تىركىشىشىنى كۆرسىتىدىكەن. ئىككى تەرەپ يېقىنقى 3 يىلدىن بېرى شەرقىي لاداق رايونىدىكى چېگرا لىنىيەسىگە مىڭلىغان ئەسكىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تىركەشكەن. بۇ، ئىككى تەرەپ ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر قانچە قېتىم تاش-توقماقلار بىلەن جېدەللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى راجنات سىڭ 27-ئاپرېل ھىندىستاندا زىيارەتتە بولغان خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ بىلەن كۆرۈشكەن. راجنات سىڭ خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن «ھىندىستان-خىتاي چېگرا رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە سەمىمىي سۆھبەتتە بولغانلىقى» نى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە خىتاينىڭ چېگرا كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشى «ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ پۈتكۈل ئاساسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق» نى بىلدۈرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھىندىستان تەرەپ خىتاينىڭ چېگراغا زور كۆلەملىك قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق خاراكتېرى ۋە چېگرانىڭ ھازىرقى مەۋجۇت ھالىتىنى بىر تەرەپلىمىلىك ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشى ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ ھېسابلىغان. بۇنىڭدىن 3 يىل ئاۋۋال ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا چېگرىداش لاداق رايونىدىكى چېگرا قىسىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش پارتلاپ 20 ھىندىستان ئەسكىرى بىلەن 4 خىتاي ئەسكىرى ئ‍ۆلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ ھىندىستاننى زىيارەت قىلىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال ئىككى تەرەپنىڭ لاداق رايونىدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىرى سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ھەر ئىككى تەرەپ بىر قىسىم قوشۇنلىرىنى لاداقنىڭ پانگوڭ كۆلى، گوگرا ۋە گالۋان ۋادىسىنىڭ شىمالى ھەم جەنۇبىغا چېكىندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاساسى قىسىملىرى يەنىلا چېگرادا ئىكەن.