ھىندىستان تۈرمىسىدىكى 3 ئۇيغۇر ئاكا-ئۇكا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن

2013-يىلدىن بېرى ھىندىستان تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان خوتەنلىك ئۇيغۇرلاردىن 3 نەپەر ئاكا-ئۇكىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە ئۇچراۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. «ئەل جەزىرە» قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2013-يىلى 6-ئايدا خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ لاداق ئارقىلىق كەشمىرگە قېچىپ چىققان بۇ ئاكا-ئۇكىلار، نۆۋەتتە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن. ئادىل تۇرسۇن، ئابدۇخالىق تۇرسۇن ۋە سالام تۇرسۇن ئىسىملىك بۇ ئۈچەيلەن 2013-يىلى 12-ئىيۇن كۈنى خىتاي-ھىندىستان چېگرا كونترول سىزىقىدىن ئۆتۈپ، چېگرانىڭ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى سۇلتان چۈشكۈ دېگەن جايدا ھىندىستان ئارمىيەسى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. ئۇلار كېيىنكى كۈنى ھىندىستان-تىبەت چېگرا ساقچىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

«ئەل-جەزىرە» ئېلان قىلغان ھىندىستان ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار تۇتۇلغان ئەينى ۋاقىتتا سالام تۇرسۇن 20 ياش، ئابدۇخالىق تۇرسۇن 22 ياش ۋە ئادىل تۇرسۇن 23 ياشتا ئىكەن. ھىندىستان سوت مەھكىمىسى 2014-يىلى 7-ئايدا ئۇلارنى چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش بىلەن ئەيىبلەپ سوتلىغان ھەم 18 ئايدىن قاماققا ھۆكۈم قىلغان. لېكىن 2015-يىلى بۇ ئۈچ نەپەر ئاكا-ئۇكىنى ئاممىۋى بىخەتەرلىك قانۇنى بويىچە قايتا ئەيىبلىشى، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، بۇ ئون يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ئىزتىراپقا سەۋەب بولغان. «ئەل-جەزىرە» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دائىرىلەر 2022-يىلى 24-دېكابىر كۈنى ھىندىستان ئاممىۋى بىخەتەرلىك قانۇنىغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىپ، تۇتقۇنلارنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى قارار قىلغان.

ھىندىستاننىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك قانۇنى دائىرىلەرگە كىشىلەرنى 6 ئايغىچە سوتلىماي تۇتۇپ تۇرۇش ھوقۇقى بەرگەن. «ئەل -جەزىرە» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ھىندىستان دائىرىلىرى بۇ ئۈچەيلەننى ھەر نۆۋەت بىر قېتىم تۇتۇپ، 6 ئاي قامىغاندىن كېيىن، قويۇپ بېرىپ قايتا تۇتۇپ يەنە 6 ئاي قامايدىكەن. خەۋەردە، ھازىر ئادىل، ئابدۇخالىق، سالام ئۈچەيلەننىڭ ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا كەشمىرنىڭ جامۇ شەھىرىدىكى كوت بالۋال تۈرمىسىگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئاكا-ئۇكا ئۈچەيلەن ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئۆزلىرىنى خىتايغا قايتۇرماسلىق، ئۆزلىرىگە ۋاقىتلىق سىياسىي پاناھلىق بېرىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇلارغا تېخى جاۋاب بەرمىگەن.