ھىندونېزىيە شىركەتلىرىنىڭ ھىندونېزىيە ئورمانلىرىنى كېسىشى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ چىققان

ھىندونېزىيەنىڭ TPL ناملىق ئەڭ چوڭ قەغەز بوتقىسى ۋە سۈنئىي تالا ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «جوڭتەي شىركىتى» نى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق شىركەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ھالبۇكى، «جوڭتەي شىركىتى» ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشلىتىدىغان ئاساسلىق شىركەتلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىلىپ كەلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «جوڭتەي شىركىتى» دۇنيادىكى قەغەز بوتقىسى ۋە سۈئ‍ني تالا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان ئالاقىسى 2021-يىلى شىۋېتسىيەدىكى «ستورا ئەنسو» شىركىتىنىڭ «جوڭتەي» گە خام-ئەشيا ئېكسپورت قىلىشىنى توختىتىشىغا سەۋەب بولغانىدى.

«ئەل-جەزىرە» قانىلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھىندونېزىيە 2021-يىلى بىر مىليون 124 توننا ياغاچ بوتقىسى ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، 99 پىرسەنتى خىتايغا كەتكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئاز دېگەن مەلۇم قىسمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ئىمپورت قىلىنغان بولۇشى مۈمكىنلىكى، ھالبۇكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەغەز بوتقىسى ئىشلەپچىقىرىشىنى «جوڭتەي خىمىيە شىركىتى» نىڭ كونترول قىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ تارماق شىركىتى بولغان «جوڭتەي توقۇمىچىلىق شىركىتى» نىڭ 2020-يىلى 662 توننا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغانلىقى، بۇ دۇنيا مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 12 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىلگىرى «جوڭتەي شىركىتى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ناراتلىقتىن قۇتقۇزۇش»، «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدىكى مەجبۇرىى ئەمگەك پروگراممىسىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئېمبارگوسىغا ئۇچرىغانىدى. ئەنگلىيە شىفېلا ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى لاۋزا مۇرفېي «ئەل-جەزىرە» گە قىلغان سۆزىدە، «جوڭتەي بىز ئۇيغۇر رايونىدا ھازىرغا قەدەر ئۇچراتقان ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىغا ئەڭ قىزغىن قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرى» دېگەن.

«ئەل-جەزىرە» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندونېزىيەنىڭ «جوڭتەي شىركىتى» نى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەۋاتقان TPL شىركىتى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا يەرلىك خەلقلەرگە ئائىت ئورمانلىقلارنى ئىگىللىۋېلىپ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ھەم يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالماقتىكەن.