ھىندونېزىيەدە رادىكال مۇسۇلمان گۇرۇھلار كوممۇنىستلارغا قارشى نامايىش قىلدى

جۈمە كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتا شەھىرىدە رادىكال مۇسۇلمان گۇرۇھلارنىڭ بىرەر مىڭ ئەزاسى نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ 1965‏-يىلدىكى كوممۇنىستلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈش پىلانىغا قارشى چىقتى. نامايىشچىلار، بۇ پىلان ھىندونېزىيەدە كوممۇنىستلارنىڭ تىرىلىشىنى پەيدا قىلىدۇ، دەپ ئېتىراز بىلدۈرگەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، سابىق پرېزىدېنت سوخارتو 1965-يىلى كوممۇنىستلارنى باستۇرغاندا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قوللىشىدىكى 500 مىڭ ھىندونېزىيەلىك كوممۇنىست ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى ئۆلتۈرۈلگەن. ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ خېلى زور قىسمى ھىندونېزىيەلىك خىتايلار ئىدى.

ئەينى چاغدا ھىندونېزىيەدىكى كوممۇنىستلارنىڭ سانى 3 مىليونغا يېتىپ، ئۇ دۇنيادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتايدىن قالسىلا كوممۇنىستلار ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلانغان. ئەمما كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى گۇرۇھلار 1965‏-يىلدىكى باستۇرۇشنى 20‏- ئەسىرىدە يۈز بەرگەن ئەڭ زور قاباھەت، دەپ قاراپ كەلدى.

جۈمە كۈنكى نامايىشنى ھىندونېزىيە ئىسلامى مۇداپىئە سېپى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئۇيۇشتۇرغان. ئۇلار ھىندونېزىيە پرېزىدېنت سارىيىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، «كوممۇنىستلارنى يوقىتايلى»، «ھىندونېزىيە كومپارتىيەسى PKI يوقالسۇن» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغان، «ھىندونېزىيەنى كوممۇنىستلاردىن قوغدايلى»، «كوممۇنىستلاردىن كەچۈرۈم سوراشقا بولمايدۇ» دېگەن لوزۇنكىلارنى ئاسقان، پرېزىدېنت ۋىدودونىڭ تەكشۈرۈش پىلانىنى قوللىماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئاپرېلدا 1965‏-يىلدىكى باستۇرۇشتىن ساق قالغانلارنى ۋە ھەربىي تەرەپ ۋەكىللىرىنى چاقىرىپ يىغىن ئاچقان. پرېزىدېنت ۋىدودو، ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كۆمۈلگەن ئورۇنلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا بۇيرۇق بەرگەن ئىدى.