ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا چاقىرىلدى
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» دە 13-نويابىر كۈنى «ھىندونېزىيە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلىشى كېرەك. گامبىيەنىڭ روھىنگالار ئۈچۈن قىلغىنىغا قاراڭلار» ماۋزۇلۇق بىر مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
-
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-14 -
-
-
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» دە 13-نويابىر كۈنى «ھىندونېزىيە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلىشى كېرەك. گامبىيەنىڭ روھىنگالار ئۈچۈن قىلغىنىغا قاراڭلار» ماۋزۇلۇق بىر مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ماقالىدە بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئامېرىكانىڭ ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جوسېف دونوۋاننىڭ ھىندونېزىيەدە 30 مىليوندىن ئوشۇق ئەزاسى بولغان «مۇھەممەدىيە» تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقى، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ مەسىلىدە بۈگۈنگىچە ھېچقانداق رەسمىي بىر پوزىتسىيە ئىپادىلىمىگەنلىكى تەنقىد قىلىنغان.
ماقالە ئاپتورلىرى يېقىندا گامبىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 11-نويابىر كۈنى «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نامىدا ب د ت ئالىي سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، بىرما ھۆكۈمىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى مىسال بېرىپ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىمۇ بۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلغان.
ئۇلار ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق ئورگانلار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېتنو مارسۇدى يېقىندا قىلغان سۆزىدە ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي بولمىغان ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر قانچە كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى كېڭەشتە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن. ماقالە ئاپتورلىرى بۇنى «ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت،» دەپ كۆرسەتكەن.