ھىندونېزىيە ئىسلام مىلىتانلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى 19-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھىندونېزىيەدە تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسلام رادىكال قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى سانتوسونىڭ 18-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى سۇلاۋېس ئارىلىدىكى تاغدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن ھىندونېزىيەنىڭ ئىسلام مىلىتانلىرىغا تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋېس ئۆلكىسىنىڭ ساقچى ئەمەلدارى رۇدىي سۇفاھرىئاد فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ساقچىلار جەسەتنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆلگۈچىنىڭ سانتوسۇ ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا تاراتقۇلاردىن بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، 2002-يىلى ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن بۇيان، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن. ھىندونېزىيەدىكى ئىسلام قوراللىق تەشكىلات كاتتىباشلىرىدىن سانتوسو 2014-يىلى بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ خەلقئارادا تېررورلۇق تەشكىلات دەپ ئاتالغان ئىسلام دۆلىتىگە سادىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 2016-يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكىمۇ سانتوسونى خەلقئارادىكى تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.