رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندونېزىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنىنىڭ باشلىقى سەئۇد ئوسمان ناسۇتىيون سەيشەنبە كۈنى، «دائىش» تېررور تەشكىلاتىغا قاتنىشىشنى كۆزلەپ مەزكۇر دۆلەتكە كېلىدىغان ئۇيغۇر مىلىتانتلارنىڭ سانى كۆپەيگەنسېرى، ھىندونېزىيەنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىش يولىنى تۇتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھىندونېزىيە يېقىندا 13 تېررور گۇماندارىنى ئايرىم ئايرىم قولغا ئالغانلىقىنى، كۆپىنچىسى جاۋادا قولغا ئېلىنغان گۇماندارلارنىڭ ئارىسىدا يېنىدا ئادەمبومبا جىلىتكىسى بار بىر ئۇيغۇرمۇ بار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئۇيغۇر گۇماندار 23-دېكابىر جاكارتانىڭ سىرتىدىكى بىر بىنا ئۆيدە قولغا ئېلىنغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، سەئۇد ئوسمان مۇنداق دېگەن: «بىز ھازىر خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، بانكا كارتىسى ۋە يانفون قاتارلىقلاردىكى دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈۋاتىمىز.»
ھىندونېزىيە ئۆتكەن يىلىمۇ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا چېتىشلىق دەپ قارالغان ئەخمەت بوزئوغلان قاتارلىق 4 نەپەر ئۇيغۇر گۇماندارنى قولغا ئالغان ئىدى.