ھىندونېزىيەدىكى مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان

ھىندونېزىيەدىكى مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (University of Muhammadiyah) ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتىدا «خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەتلەر» ناملىق بىر مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تور بېتىدە تارقىتىلغان خەۋەردىن قارىغاندا، 25-ئۆكتەبىر كۈنى ئېچىلغان بۇ يىغىنغا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، يىغىندا ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

يىغىندا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سىياسىي پەنلەر بويىچە ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئاسېپ سېتياۋان سۆز قىلىپ، «مەدەنىيەت ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ھەرىكەت پىلانىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ئىكەنلىكىنى؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشنى ئاكتىپ قوللىشى لازىملىقىنى؛ ئۇيغۇر تىلى مائارىپىغا ئىلھام بېرىپ، دىنىي ئەركىنلىككە يول قويۇپ، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلغاندىلا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى يىغىندا نۇقتىلىق قىلىپ، ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سۈكۈتى ھەققىدە توختالغان. ئۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان قويۇق ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزلەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆز يۇمۇۋاتقانلىقىنى، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزۈش ۋە بېسىم قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قوللاش پۇرسىتى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بۇ يىغىن ھەققىدىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، تىلى، مائارىپى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، كىيىم-كېچىكى ۋە ھەتتا يېمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەر تەرەپلىمىلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتى بارلىقى تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر مۇنازىرە مۇنبىرىگە ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان ئىكەن.