كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تۈرمىدىكى ئىككى ئاتاقلىق ۋىجدان مەھبۇسى -گۇ فېيشيۇڭ بىلەن گاۋ يۈنىڭ داۋالىنىشىغا يول قويمىغانلىقىنى «ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە خىلاپ» دەپ تەنقىد قىلدى.
مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا: «خىتاينىڭ ب د ت تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەت تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ھەقلىق داۋالىنىش ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىشى، ئېغىر ۋە غەيرىي ئىنسانىي قىلمىش» دەپ كۆرسەتكەن.
كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى گو فېيشيۇڭ خىتايدا دېموكراتىيە ۋە ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلىپ، 2013-يىلى قولغا ئېلىنغان. 49 ياشلىق گو فېيشيۇڭ 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، گو فېيشيۇڭنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن. گو فېيشيۇڭنىڭ قىز قېرىندىشى: «ئۇنىڭ ئەھۋالى پەۋقۇلئاددە ئېغىر» دېگەن.
ئاتاقلىق مۇستەقىل ژۇرنالىست گاۋ يۇ بولسا، «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئائىلىسىدە داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما دائىرىلەر ئۇنىڭ بارلىق كىرىمىنى كېسىپ تاشلىغاچقا داۋالىنىشقا ئىمكانسىز قېلىپ، سالامەتلىك ئەھۋالى ناچارلىشىپ كەتكەن ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى، دوكتور سوفىي رېچاردسون، خىتايدا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ داۋالىنىشقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەزىدە تۈرمىدە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى گو فېيشيۇڭ، گاۋ يۈ ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ نورمال داۋالىنىشىغا دەرھال يول قويۇشى كېرەك» دېگەن.
