خوڭكوڭلۇق ئۆسمۈر پائالىيەتچى خىتاينىڭ قولى بىلەن تايلاند چېگرىسىدىن قايتۇرۇلدى

خوڭكوڭدا ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن ۋە كۈنلۈك ئىنقىلابى دەپ نام بېرىلگەن زور كۆلەملىك نامايىشنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى ئۆسمۈر پائالىيەتچى جوشۇا ۋوڭ، بۈگۈن ئەتىگەن تايلاند چېگرىسىدا توسۇۋېلىنىپ خوڭكوڭغا قايتۇرۇلغان. رويتىرىسنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ۋوڭ ئەسلىدە تەكلىپكە بىنائەن تايلاندىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتقا نۇتۇق سۆزلەش ئۈچۈن يولغا چىققان بولۇپ، تايلاند چېگرا دائىرىلىرى ئۇنىڭغا ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمەستىن تايلاند چېگرىسىدىن كىرىشىگە يول قويمىغان. ۋەقەدىن كېيىن ئاخباراتچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن تايلاند چېگرا ساقچى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پرۇتىپوڭ خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن ۋوڭنىڭ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ۋە شۇ سەۋەبتىن چىگرادىن كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى ئېيتقان، كېيىن ئۇ، باشقا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئاۋۋال قىلغان بۇ سۆزلىرىدىن تېنىۋالغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بولسا، بۇ ئىشنىڭ تايلاندنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنى بىلەن مۇناسۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۈگۈن دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش جەمئىيىتى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاندنىڭ خىتاينىڭ يولسىز تەلىپىگە باش ئەگكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.