خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرىگە تەيىنلەنگەن باشلىقنى رەت قىلدى
1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خوڭكوڭدا ئۆتكەن يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ ئوقۇش تاشلاش پائالىيىتىنى تەنقىد قىلغان خوڭكوڭ خىتاي ئەدەبىياتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشلىقى لى گوجاڭنىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون باشلىقى لياڭ جېنيىڭ تەرىپىدىن خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىگە قارشى تۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
-
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-01-03 -

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپداشلار دىققەت قىلىش گۇرۇپپىسى، خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچى - خىزمەتچىلەر كومىتېتى ۋە باشقا 20 نەچچە ئاممىۋى جەمىيەت بىلىشى ئۆتكۈزگەن بۇ نامايىشقا 3000 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان. ئەمما ساقچى تەرەپ، نامايىشقا 830 ئادەم كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.
رادىئومىزنىڭ خىتاي تىلى بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى مەمۇرىي رايون باشلىقى لياڭ جېنيىڭنىڭ لى گوجاڭنى خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشتا نامايىشچىلار قوللىرىدا «ئۇنىۋېرسىتېتقا پارتىيە سېكرىتارى كېرەك ئەمەس» دېگەن لونزۇكىلارنى كۆتۈرۈپ، لياڭ جېنيىڭنىڭ ئۆزىگە يېقىن مەزكۇر لى گوجاڭنى خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى باشلىقلىقىغا تەيىنلىشىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
لى گوجاڭ ئۆتكەن يىلى خوڭكوڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تاشلاپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەركىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە ئوقۇغۇچىلارنى «قىزىل قوغدىغۇچى»لارغا ئوخشاتقان ئىكەن.
1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خوڭكوڭدىكى 40 نەچچە ئاممىۋى جەمىيەت بىرلىشىپ، بېيجىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون باشلىقى لياڭ جېنيىڭنى ئورنىنى بوشۇتۇشقا چاقىرغان ئىدى.