تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى خوڭكوڭ مەركىزىي مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشنى. ئۇلار قوللىرىدا ياندۇرۇلغان شاملارنى كۆتۈرۈشۈپ، 1989 - يىلى 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېسىپ كىرگەن خىتاي ئەسكىلىرى قولىدا جان ئۈزگەن كىشىلەرنى ئەسلەشتى.
1989 - يىلى 3 - ، 4 - ئىيۇن كۈنلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېن مەيدانىدا جىم ئولتۇرۇۋېلىپ دېموكراتىيە تەلەپ قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى قانلىق باستۇرغان. شۇ كۈنى يۈزلىگەن ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بىگۇناھ ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خوڭكوڭدىكى پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلىرى ئاخباراتلارغا يىغىلىشقا 125 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
بۇ كۈنى تەيۋەننىڭ تەيبېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئەينى يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن بىرى ئۆركەش دۆلەتمۇ ئىشتىراك قىلغان.
تەيبېيدىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە 200 ئەتراپىدا ئادەم قاناشقان. ئۇ، ئاخباراتقا»4 - ئىيۇل روھى جەسۇر ئىنسانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەركىنلىك قىممەت قارىشىنى ئىزدەش ھەرىكىتىدۇر» دېگەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:»بۇ روھنى تانكا ۋە پىلىموتلار بىلەن مەغلۇپ قىلغىنى بولمايدۇ. ئۇ خىتاينىڭ باستۇرۇشى تۈپەيلى ھالاك بولمايدۇ.»
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 4 - ئىيۇن خىتاينىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتتىق كۈچەيتىلگەن بولۇپ، بۇ كۈننى ھەرقانداق شەكىلدە خاتىرىلەش چەكلەنگەن.
خىتاي دائىرىلىرى 1989 - يىلىدىن بۇيان مەزكۇر باستۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېلان قىلىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىدە - تاۋابىئاتلىرىدىن ئەپۇ سوراشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.