خوڭكوڭ بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ رەسمىي ھاۋا يولى قاتنىشى يولغا قويۇلىدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى«ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇر ‍ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى بىلەن، ‍ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خوڭكوڭ ئوتتۇرىسىدا كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ بىۋاسىتە يولۇچىلار ئايروپىلان قاتنىشى يولغا قويۇلىدۇ.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئانالىزچىلار بۇ يېڭى ھاۋا قاتناش يولىنىڭ ئېچىلىشى، خوڭكوڭنىڭ چەتئەل مەبلىغىنى ئۇيغۇر رايونىغا جەلپ قىلىشتا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشىغا ياردەمچى بولۇشى مەقسەت قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ھاۋا يولى قاتنىشىنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى بەزى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشتا ئوينىغان رولى سەۋەبلىك ئېمبارگو قويۇلغان ۋەزىيەتتە ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ چەتئەل مەبلىغى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئېچىلىشى دىققەت قوزغىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ خىتاينىڭ «خەينەن ئاۋىئاتسىيە گۇرۇھى» غا قاراشلىق ئۈرۈمچى ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانلىرى ئۈرۈمچى- خوڭكوڭ ئارىسىدا ھەپتىسىگە بىر قېتىم قاتنايدىكەن. خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىگە قىلغان سۆزلىرىدە، بۇ ھاۋا قاتنىشى ئارقىلىق چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ باشقا خىتاي شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ يۈرمەي، خوڭكوڭدىن بىۋاسىتە ئۈرۈمچىگە بارالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەزكۇر ھاۋا يولى قاتنىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز باشچىلىقىدىكى بىر ئۆمەك خوڭكوڭدا زىيارەتتە بولغان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى. زىيارەتنىڭ بۇنىڭ بىلەن ئ‍الاقىسىنىڭ بار يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن زىيارەتتە ئەركىن تۇنىياز ئىككى جاينىڭ « بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي، سودا، پۇل-مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، مەدەنىيەت ساياھىتىنى كۈچەيتىپ، ئ‍ۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش» نى تەكىتلىگەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر ئامېرىكانىڭ دىققەت نىشانىدا بولۇپ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 2020-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سانجى رايونىدا زاۋۇت ئاچقان خوڭكوڭدىكى توقۇمىچىلىك شىركىتى- «يىدا گۇرۇھى» نى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنىدى.