2019-يىلى 12-ئايدا خوڭكوڭدىكى ئېدىنبورگ مەيدانىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشىغا قاتناشقان ئىككى نەپەر خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچى 16-ئاۋغۇست كۈنى خوڭكوڭدىكى بىر رايونلۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتلانغان. «خوڭكوڭ ئەركىن ئاخبارات» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 23 ياشلىق ئوقۇغۇچىلاردىن لۇ جيايۈ بىلەن شياۋ زېفېڭ ئەينى ۋاقىتتا ئېدىنبورگ مەيدانىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، توپىلاڭ كۆتۈرۈش ۋە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. سوتتا، لۇ جيايۈ ساقچىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، شياۋ زېفېڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىغا ياردەم قىلغانلىقىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشىدا توپىلاڭ چىقارغانلىقىنى رەت قىلغان.
2019-يىلى 12-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىكى چوڭ تۇتقۇن يۇقىرى پەللىگە چىقىپ، بىرقانچە مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلىرى لاگېر، تۈرمىلەرگە قامالغان ھەم مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇلغان بىر ۋاقىتتا، خوڭكوڭدا بىر مىڭ بەشيۈزدەك كىشى خوڭكوڭ شەھەر مەركىزىدىكى ئېدىنبورگ مەيدانىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن. يىغىلىشتا نامايىشچىلار ئېدىنبورگ مەيدانى ئەتراپىدىكى بىر خادىغا ئېسىقلىق خىتاي بايرىقىنى ئېلىپ تاشلىغان. ئارقىدىن ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ نامايىشچىلارنى مەجبۇرىي تارقىتىۋەتكەن. بۇ جەرياندا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ساقچىلار نامايىشچىلارغا رېزىنكە ئوق ئېيتقان، شۇنداقلا بىر قىسىم كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغانىدى.
«ئەركىن خوڭكوڭ ئاخباراتى» نىڭ ئېيتىشىچە، 16-ئاۋغۇست باشلانغان سوتتا تەپتىش ئەمەلدارى لۇ جيايۈ بىلەن شياۋ زېفېڭنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتى تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ پىكىرىگە قارشى چىققان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن ئاۋۋال ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشىغا قاتناشقان خوڭكوڭلۇقلاردىن بىرەيلەن، توپىلاڭغا قاتنىشىش ۋە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 2 يىل 4 ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانىكەن.
