25-ئۆكتەبىر كۈنى چاقىرىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10-نۆۋەتلىك بىرىنچى ئومۇمى يىغىنىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك قاتلىمى «سايلاپ چىقىلغان». يەنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارلىرى، دائىمىي ھەيئەتلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرىتارلىرى ۋە ھەيئەتلىرى ئاتالمىش «سايلام» ئارقىلىق بېكىتىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، چېن چۇەنگو داۋاملىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى بولغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەڭ يادرولۇق رەھبەرلىك كوللىكتىپى بولغان 15 نەپەر دائىمىي ھەيئەت ئەزاسىمۇ قايتىدىن «سايلاپ چىقىلغان» بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت نەپەر ئۇيغۇر ۋە بىر قازاق بولغاندىن باشقا قالغان ئون كىشىنىڭ پۈتۈنلەي خىتايلاردىن بولۇشى، ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە «سايلاپ چىقىلغان» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 47 نەپەر ئەزاسى ئىچىدە ئالتە نەپەر ئۇيغۇر بولغاندىن باشقا، قالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتايلاردىن تەشكىل تاپقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرۋاقىت ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەققىدە سۆز بولغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ئىزچىل «قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈپ كېلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. ئەمما بۇ قېتىمقى يېڭى نۆۋەتلىك ھوقۇق تەقسىماتى ۋە بۇ قېتىملىق ئاتالمىش «سايلام» نىڭ نەتىجىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە قەغەز يۈزىدىكى ساختا «ئاپتونومىيە» ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن.
ۋاشىنگتون شەھرىدىكى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد بۇ ھەقتىكى لېكسىيەلىرىدە كۆپ قېتىملاپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەدە قىلغان ئاپتونومىيە پەقەت قەغەز يۈزىدىلا مەۋجۇت. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونومىيە ھەققىدىكى قانۇنلارنى قانداق ئاياق-ئاستى قىلىدىغانلىقىنى بىز ئۇيغۇر رايونىدا ۋە خوڭكوڭدا قايتا-قايتا كۆرمەكتىمىز،» دېگەن ئىدى.