جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتى يېڭى سىياسەت تۈزۈپ، خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىگە G5 تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈنئىي ئەقىل، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ھېسابلاش ۋە بۇلۇت تېخنىكىسى تۈرلىرىنى تەمىنلەشنى توختاتقان.
رۇيترېس ئاگېنتلىقىنىڭ 31-يانۋار كۈنى خەۋەر بېرىشىچە، يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى ئامېرىكانىڭ G5 تېخنىكىسى ۋە باشقا تېخنىكا تۈرلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى ئامېرىكادىكى بەزى شىركەتلەرنىڭ يەنىلا خۇاۋېيغا بەزى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشىغا ئىجازەت بەرگەن. ھالبۇكى، 1-ئاينىڭ 30-كۈنى بايدىن ھۆكۈمىتى بۇنى چەكلىگەن.
ئامېرىكادىكى ئىقتىساد ھەپتىلىكى ژۇرنىلىBarron نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چەكلىمىسى ئامېرىكانىڭ كۇۋالكوم (Qualcomm)، ئىنتېل (Intel) شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى مۇلازىمىتىنى بېسىمغا ئۇچراتقان بولۇپ، 31-يانۋار كۈنى بۇ ئىككى شىركەتنىڭ پاي چېكى چۈشۈپ كەتكەن.
2019-يىل دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى خۇاۋېينى سودا قارا تىزىملىكىگە ئالغان بولۇپ، ئامېرىكا شىركەتلىرى ھۆكۈمەتتىن ئىجازەت ئالمىغىچە، خۇاۋېيغا ھېچقانداق تېخنىكا ياكى مەھسۇلاتنى سېتىپ بېرەلمىگەن. ئامېرىكادىن ئالغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئۆزەككە تايىنىدىغان خۇاۋېينىڭ 2022-يىللىق كىرىمى بۇرۇنقىدىن تۆۋەنلىگەن.
بايدېن ھۆكۈمىتى خۇاۋېيغا تېخنىكا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكانىڭ بۇ چەكلىمىسى خەلقئارا سودا قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق، ئامېرىكا تېخنىكا زومىگەرلىكى قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئەيبلىگەن.
