خۇاۋېي خارۋاردنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى مەخپىي مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن

خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا شىركىتى خۇاۋېي 2022-يىلىدىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدىكى تەتقىقات تۈرلىرىنى مىليونلىغان دوللار بىلەن مۇكاپاتلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكادىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاش داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارمۇ بار ئىكەن.

«بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى» (Bloomberg) نىڭ 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئوپتىكا فوندى جەمئىيىتى ئارقىلىق خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى تەتقىقاتنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن؛ ئوپتىكا فوندى جەمئىيىتى تەتقىقات تۈرلىرىنى تاللاش، مۇكاپات بېرىش ۋە نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولغان.

ئوپتىكا فوندى جەمئىيىتىنىڭ 2023-يىللىق دوكلاتىدا، خۇاۋېي شىركىتى بۇ جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان 1 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئىئانە قىلغۇچىلار تىزىملىكىدە تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خۇاۋېي شىركىتى ئۇچۇر-ئالاقە، بىيولوگىيەلىك دىياگنوز قويۇش ۋە لازېر نۇر قاتارلىق تەتقىقات تۈرلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن.

ئېكسپورتنى كونترول قىلىش ساھەسىدە مۇتەخەسسىسلەشكەن كېۋىن ۋولفنىڭ دېيىشىچە، بۇ فوندنى تەسىس قىلىش ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ «شەخسلەر ۋە شىركەتلەر خۇاۋېي بىلەن ھەمكارلاشماسلىقى، تېخنىكىدىن تەڭ بەھرىمەن بولماسلىقى كېرەك» دېگەن قائىدىسىگە خىلاپ بولمىسىمۇ، خۇاۋېي ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان بولغاچقا بۇ پائالىيەت قانۇنسىز بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خۇاۋېي شىركىتى 2016-يىلىدىن باشلاپ كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى 28 مىليون فوندستېرلىڭدىن ئارتۇق مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى خۇاۋېي قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلغان. خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىققا ئەڭ ئاكتىپ ھەسسە قوشقان پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم.