FBI خۇاۋېينىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى ئامېرىكا يادرو ئەسلىھەلىرى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ بېكىتكەن

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى FBI خىتاينىڭ خۇئاۋېي شىركىتى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان ئۈسكۈنىلەرنى ئامېرىكا يادرو ئامبىرىنىڭ ئالاقىسىگە كاشىلا قىلىدۇ، دەپ بېكىتكەن. ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى-CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى 100 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى دۆلەتلىك بوتانىك باغچىسىدا ھەشەمەتلىك بىر خىتاي باغچىسى قۇرماقچى بولغان. بۇتخانا، ساراي ۋە 70 ئىنگلىز چىسى ئېگىزلىكتىكى بىر ئاق مۇنارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قۇرۇلۇش، ئەينى ۋاقىتتا يەرلىك ئەمەلدارلارنى قاتتىق ھاياجانغا سالغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش تارماقلىرى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭدىن نۇرغۇن بوشلۇقنى بايقىغان.

ۋەقەدىن خەۋەردار مەنبەلەر خىتاي باغچىسىدىكى ئاق مۇنارنىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ ئېگىز نۇقتىسىغا جايلاشقانلىقى، دۆلەت مەجلىسىگە ئىككى مىل يىراقلىقتىكى بۇ ئورۇن ئىستىخبارات سىگنالى توپلاشنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئورنى ئىكەنلىكى بايقالغانلىقىنى ئېيتقان. CNN نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش تارماقلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر نۇقتا خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا كېتىدىغان ماتېرىياللىرىنى دىپلوماتىك يول بىلەن ئامېرىكاغا ئېلىپ كىرىشنى تەلەپ قىلىشى بولغان. خەۋەردە، ئەگەر خىتاي، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى دىپلوماتىك يول بىلەن ئېلىپ كىرسە، ئۇنى ئامېرىكا تاموژنىسىنىڭ تەكشۈرەلمەيدىغانلىقى، شۇڭا ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشنى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا جىمجىت توختىتىپ قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە، ئامېرىكا فېدېرال تارماقلىرىنىڭ 2017-يىلدىن بېرى خىتاينىڭ ھالقىلىق ئامېرىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەتراپىدىن سېتىۋالغان زېمىنلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا يېقىن جايلاردىكى يانفون سىگنال مۇنارىلىرىغا خۇاۋېي ئىشلەپچىقارغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئۇلار بايقىغان ئەڭ چۆچۈتەرلىك ئىشلارنىڭ بىرى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئامېرىكا يادرو قوراللىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قوماندانلىق شتابىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقە ئۇچۇرىنى توپلاش ھەم ئۇنىڭغا كاشىلا قىلىش ئىقتىدارى بارلىقىنى بېكىتكەن.