خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ھەلەكچىلىكىگە چۈشۈپ قالغان
ئىككى يىل ئاۋۋال دۇنيانىڭ G-5 قۇرۇلۇشىنى كونترول كېلىش پىلانى قۇرۇپ، غەرب دۆلەتلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالغان خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى، نۆۋەتتە ئۆزىنى قانداق قوغداپ قېلىشنىڭ ھەلەكچىلىكىگە چۈشۈپ قالغان. «بلۇمبېرگ» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇاۋېينىڭ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىغا بېيجىڭنىڭ ئۇرۇشقاقلىقى سەۋەبچى ئىكەن.
«بلۇمبېرگ» دا 19-سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان «خۇاۋېينىڭ تۆۋەنلىشى بېيجىڭنىڭ نېمە ئۈچۈن ھۆكۈمرانلىق تالىشىشىتا قىينىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى» ماۋزۇلۇق خەۋەردە، خۇاۋېينىڭ يېقىنقى 2 يىل مابەينىدە تۆۋەنلىشىنىڭ «ئەڭ چوڭ گېئو-سىياسى تەرەققىيات» نەتىجىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2019-يىلى دۇنيانىڭ G-5 قۇرۇلۇشى ئۈچۈن رىقابەتكە چۈشكەن خۇاۋېي، بۈگۈنكى كۈندە پەقەت قانداق ساقلىنىپ قېلىشنىلا ئويلايدىكەن. خەۋەردە، خۇاۋېينىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ ئىبرەتلىك بىر قانچە سەۋەبلىرىنىڭ بارلىقى، بۇ، خىتاينىڭ ئەڭ يامان دۈشمىنىنىڭ دائىم ئۇنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى، چۈنكى خىتاينىڭ يەرشارىدا دوگما ھالدا ئۈستۈنلۈككە ئىنتىلىشى ئۇنىڭ رەقىپلىرىنى كۆپەيتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خۇاۋېينى ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلىشى سەۋەبلىك جازالىغان.
خۇاۋېي شىركىتى يەنە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىنمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىغا ياردەملىشىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن. بۇ شىركەت سابىق پرېزىدېنت ترامپنىڭ 2019-يىلى بىر مەزگىل ئۇنىڭغا بەزى سودىدا چەك قويۇشى بىلەن تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر خۇاۋېي ئۈستۈنلۈك تالىشىشنى قوغلايشمايدىكەن. بۇ شىركەتنىڭ مۇدىرى «بىزنىڭ مەقسىتىمىز ساقلىنىپ قېلىش» دېگەن.