خۇنەندە نامايىشچىلار ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015.06.20
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 19 - ئىيۇن خۇنەن ئۆلكىسىدە نامايىش يۈز بېرىپ، نامايىشچىلار ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن، نامايىشتا 13 ئادەم قولغا ئېلىنغان.

نامايىش دائىرىلەر ئۆتكەن ئايدا نامايىشچىلارنىڭ يېزىسىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنىڭ دېلوسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان.

مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچىلارغا تۇغقان كېلىدىغان بىر ئايال ئۆتكەن ئايدا نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.

ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر ئۇ ئايالنىڭ چاشقان دورىسىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، ئۇ ئايالنىڭ تۇغقانلىرى ئايالنى ئۇنىڭ ئېرى ئولتۇرۇۋەتتى دەپ قاراپ ئۇنىڭ ئېرىنى ئۇرغان، ھۆكۈمەت خادىملىرى توسۇشقا ئۇرۇنغاندا ئۇلارنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان.

ساقچىلار نامايىشنىڭ پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەنلىكى، جۈمە كۈنى كېڭەيگەنلىكى، 100 دىن ئارتۇق ساقچىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ نامايىشنى تىنچىتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.