ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە ئاران 23 ئادەم ئىچكى ئەزاسىنى ئىئانە قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-09-15
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2013‏-يىلدىن باشلاپ ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىش خىزمىتىنى باشلىغان. بىراق ئىئانە قىلىش خىزمىتى باشلانغان يېقىنقى 4 يىلدىن بېرى ئاران 1000 غا يېقىن ئادەم ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلىشقا ئىلتىماس قىلغان. بۇ جەرياندا ئاران 23 ئادەم ئىچكى ئەزاسىنى ئىئانە قىلغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلغان بۇ 23 ئادەمنىڭ ئەڭ كىچىكى 3 ياش، ئەڭ چوڭى 73 ياشتا ئىكەن.

ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان «شىنجاڭ مەركىزىي شەھەر گېزىتى» نىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە قەيت قىلىشىچە، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتى 12‏-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدە مەملىكەتلىك ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىشنى ماسلاشتۇرغۇچى خادىملارنىڭ مەملىكەتلىك تەربىيىلەش كۇرسىنى ئاچقان.

بىراق خىتاينىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش خىزمىتى بەزى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتايدا ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى كۆچۈرۈشى ناھايىتى چوڭ سودا بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ تەپتىش، سوت، ج خ، ئەدلىيە ئورگانلىرى ۋە بەزى دوختۇرخانىلىرىنىڭ قولى بار ئىكەن. ئۇلار، فالۇنگوڭچىلار ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مەھبۇسلارنىڭ خىتايدىكى ئىچكى ئەزا بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ كەلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2015‏-يىلى 1‏-باشلاپ مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى ئىشلىتىشنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا ھەر يىلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن مەھبۇسلارنىڭ سانىنى ئىزچىل مەخپىي تۇتۇپ كەلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئادەم ئىچكى ئەزالىرى ئىئانە قىلىشنى باشقۇرۇش مەركىزى 2015‏-يىلى قۇرۇلغان. «شىنجاڭ مەركىزىي شەھەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، 12‏-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە باشلانغان كۇرسقا خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدىن 97 كۇرسانت قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارغا كۇرسنى پۈتتۈرسە، گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت