ئاۋسترالىيە گېزىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىچكى ئەزالىرىنى قاراڭغۇ بازاردا سېتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان

ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورىن شەھىرىدە چىقىدىغان «قۇياش خەۋەرچىسى» گېزىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى قاراڭغۇ بازاردا سېتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان. «ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتى، مېلبورىندىكى «قۇياش خەۋەرچىسى» گېزىتىنىڭ يېقىندا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان خورلاشلارغا دائىر بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، قورقۇنچلۇق تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان «بىر ساغلام جىگەرنىڭ قانداق قىلىپ قاراڭغۇ بازاردا 160 مىڭ دوللارغا سېتىلغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ سودىدىن يىلىغا ئاز دېگەندە بىر مىليارد دوللار كىرىم قىلىدىغانلىقى» تەپسىلىي يېزىلغان ئىكەن.

بۇ، خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىپ، ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكى قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىشى ئەمەس. بۇ يىل 6-ئايدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئىشەنچلىك دوكلاتلاردىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر ئېتنىك، تىل ۋە دىنىي ئاز سانلىق تۇتقۇنلارغا قارىتا مەجبۇرىي قان تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقى، «ئۇلترا ئاۋاز» ئۈسكۈنىسى ۋە رېنتگېنغا چۈشۈرۈلگەنلىكى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا يۈكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، «قۇياش خەۋەرچىسى» نىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش دوختۇرخانىلىرىنىڭ لاگېرلاردىن ئانچە يىراق جايدا ئەمەسلىكى، دوختۇرخانىلاردىكى ئوپېراتسىيە قېتىم سانى ۋە بىمارلارنىڭ ئىچكى ئەزا ساقلاش ۋاقتىنىڭ قىسقىلىقى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان كەڭ كۆلەملىك «ئىچكى ئەزا ‍ئەتكەسچىلىكى» يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەنىكەن.