خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە 6-ئاپرېل چارشەنبە كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ توڭلياۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتىنىڭ 1-سوت مەھكىمىسىنىڭ مى جەنجۈن ئىسىملىك باشلىقى ئىشخانا بىناسىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغان.
ئىچكى موڭغۇل سوت مەھكىمىسىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى خىزمەتچىسى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن مى جەنجۈننىڭ چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن ئۆيىدىن ئىشخانىغا كېلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا سوت مەھكىمىسىنىڭ 7-قەۋىتىگە جايلاشقان ئىشخانا بىناسىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى، ئۆلۈم سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «پارىخورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز ئەجىلىدىن بۇرۇن ئۆلۈش ئەھۋاللىرى بارغانچە كۆپەيگەن. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇ يىل 4-ئاپرېل كۈنى خېبىي دۇڭگۇاڭ ناھىيىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جۇ دۇڭفىڭنىڭ ئۆز ئۆيىدە ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنىڭمۇ ئېنىق ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
