ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېجىن ئايمىقىدا ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-12-06
Share

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېجىن ئايمىقىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى 6 - دېكابىر كۈنى تاڭ سەھەردە يۈزىنى نىقابلىغان 100 نەچچە ئادەمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت مەنبەلىرى ئاساسىدا خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى 13 خادىم يارىلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 6 نەپىرىنىڭ يارىسى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتۇلدۇرۇلغان ئىكەن.
مەزكۇر كىملىكى نامەلۇم ھۇجۇمچىلار تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە شۇ يەردىكى ئەدلىيە ساھەسىگە تەۋە ئاپتوموبىللارنى بۇزۇپ تاشلىغان.
«خىتاي خەۋەر تورى»نىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر 100 دىن ئارتۇق يۈزىنى نىقابلىۋالغان كىشىلەر تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئېلېكتر يولىنى كېسىپ تاشلىغان، كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى بۇزۇپ، خادىملارنى قاتتىق ئۇرۇپ قورقۇتقان. ھۇجۇم ۋاقتى ئىككى سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان بولۇپ، ئېنىقلاش ئارقىلىق كەلتۈرۈپ چىقىلغان زىيان 10 مىليون يۈئەندىن ئېشىپ كەتكەن ئىكەن. جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى ھۇجۇمچىلارنى تۇتۇش ھەرىكىتى باشلىغان.
ۋەقەدىن كېيىن خىتايدىكى ئاممىۋى ئۇچۇر تورلىرىدا ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تۈرلۈك قىياسلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت