خىتاي ئىچكى ئورگان كۆچۈرۈش دائىرىلىرىنىڭ ۋاتىكانغا تەكلىپ قىلىنىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-02-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سابىق مۇئاۋىن خىتاي سەھىيە مىنىستىرى، خىتاي ئىچكى ئورگان كۆچۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى خۇاڭ جيېفۇ سەيشەنبە كۈنى ۋاتىكاندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ۋەدە بېرىپ، مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىپ كۆچۈرۈش قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خۇاڭ جيېفۇ ۋاتىكاندىكى يىغىنغا خىتايدىكى قانۇن، سەھىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ 80 كىشىلىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كېلىپ قاتناشقان. ئۇ، ئۆز تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشكە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىراق، خىتاي 1مىليارد 300مىليون نوپۇسلۇق چوڭ دۆلەت. شۈبھىسىزكى، قانۇنغا خىلاپ بەزى قىلمىشلارنىڭ بولۇشى تۇرغان گەپ. لېكىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار بولسا قاتتىق جازالىنىدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2015‏-يىلدىن باشلاپ مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشنى توختىتىشقا ۋەدە بەرگەن. ئەمما پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.

ۋاتىكاننىڭ خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىشى، خەلقئارا مەجبۇرىي ئىچكى ئورگان كۆچۈرۈشكە قارشى دوختۇرلار جەمئىيىتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتايدا مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈشنىڭ توختىتىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل يوق» دېگەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى تورېستېن ترېينىڭ قەيت قىلىشىچە، «ئوچۇق -ئاشكارا بولماي تۇرۇپ، ئاتالمىش بۇ ئىسلاھاتنى دەلىللەش ئىمكانسىز» ئىكەن.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىشنى ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇرلاردىن باشلىغان. بۇ 1999‏-يىلىغا كەلگەندە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىغا بۇرالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت