خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكىي ئورگانلىرىنى كۆپلەپ ئېلىۋاتقانلىق ئېھتىمالى ئەندىشە قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.04.11
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

«يېڭى ئەرەب» تورىنىڭ 10-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دوختۇرلىرى مۇھىم ئىچكىي ئورگانلارنى تىرىك بىمارلاردىن كېسىپ ئېلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان بىر ئىلمىي دوكلاتتا ئىككى تەتقىقاتچىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن بايانى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بىمار دېيىلگەن ئۇ قۇربانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا ئوخشاش مەھبۇسلار بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن.

ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دوكتورى ماتىۋ روبېرتسون (Mathew Robertson) بىلەن ئىسرائىلىيە ئەزا كۆچۈرۈش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، پروفېسسور جاكوب لاۋى (Jacob Lavee) قاتارلىقلار ئۆپكە ۋە يۈرەك ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەگە ئائىت 2800 پارچە خىتايچە ماقالىنى تەھلىل قىلغان بولۇپ، ھەيران قالارلىق كۆپ ئوپېراتسىيە مىساللىرىغا ئاساسەن ئىچكى ئەزالارنىڭ تىرىك ئادەمنىڭ بەدىنىدىن ئېلىنغانلىقىنى بايقىغان. دوكلاتىدا مۇنداق يازغان: «بىز 71 پارچە ماقالىدە بايقىغان ئىسپاتلار شۇنى ئېنىق كۆرسەتتىكى، ئۇلار ئەزالارنى سۇغۇرۇپ ئېلىشتىن ئىلگىرى بىمارلارنىڭ مېڭىسى تېخى ئۆلمىگەن. ناھايىتى روشەنكى، بۇ ئوپېراتسىيەنى قوبۇل قىلغۇچىلار چوقۇم مەھبۇسلار».

بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇر رايونىدىكى نەچچە مىليون لاگېر تۇتقۇنلىرى ۋە تۈرمە مەھبۇسلىرىنىڭ خالىغان چاغدا ئورگان تەمىنلەشكە ۋە ئۆلۈشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىنى پەيدا قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، تۈرمە ۋە لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرى خىتاينىڭ ئورگان ئامبىرىغا بىۋاسىتە ئۇلانغان بولۇپ، قايسى تىپتىكى ئورگان تېپىلىپ قالسا، شۇ ئىنسان قۇربانلىق نىشانىغا ئايلىنىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي گەرچە 2014-يىل تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ بەدىنىدىن ئورگان ئېلىشنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغۇچىلارنىڭ بەدىنىدىن ئورگان يىغىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرلاردىن تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئورگانلىرىنى يىغىپ، «ھالال ئورگان» سودىسى قىلغان، بۇ دوكلات خىتاينىڭ بۇ قانلىق جىنايەتنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ ۋەھشىي ئۇسۇلدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.