ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەكلىپ سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، خىرىستىيان ۋە فالۇنگۇڭ مۇرتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشان قىلغان ئادەم ئورگانلىرى سودىسىنى توختىتىشقا، بېيجىڭنىڭ 1 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى بۇ رەزىل مەنپەئەت سودىسىنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا چاقىرغان.
«ھەقىقىي ئېنىق سىياسەت» (Real Clear Politics) تورىنىڭ 7-مايدىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىرىس سىمىس (Chris Smith) ۋە ماركو رۇبىئو (Marco Rubio) قاتارلىق 6 نەپەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاينىڭ قانۇنسىز ئورگان سودىسى ۋە بازارنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا قارشى تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكىنگە قارىتىپ يېزىلغان مەزكۇر مەكتۇپتا مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: «قانداقلا بولمىسۇن، بىز دۇنيا مىقياسىدا ئىچكىي ئورگان كۆچۈرۈشكە بولغان ئېھتىياج ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئادەم ئورگانلىرىنىڭ قانۇنسىز ئېلىپ-سېتىلغانلىق ئىسپاتىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى كۆرگەن ياكى بۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغانلاردىن بىرىنچى قول ئۇچۇر ئىگىلەشكە جىددىي ئېھتىياجمىز. بۇ ئۇچۇرلارنى يىغىش ئۈچۈن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مۇكاپاتلاش پىروگراممىسىنى يولغا قۇيۇش كېرەك».
2019-يىلى ئەنگلىيەدىكى ھۆكۈمەتسىز ۋە مۇستەقىل سوت كوللېگىيەسى، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى 1 يېرىم مىليوندىن ئارتۇق مەھبۇستىن ھەر يىلى تەخمىنەن 1 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئىچكىي ئورگانلارنىڭ مەجبۇرىي ئېلىنىپ، سېتىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنداقلا خىتاينى قانۇنسىز ئىچكىي ئورگان سودىسى بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇلار يەنە خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلار ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكىي ئورگانلىرىنى ئېلىپ ساتىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
2022-يىلى «ئامېرىكا ئورگان كۆچۈرۈش ژۇرنىلى» (American Journal of Transplantation) مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ئوپېراتسىيە دوختۇرلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ يۈرەك ۋە مېڭىسى تېخى ھەرىكەتتىن توختىماي تۇرۇپ، يەنى ھايات تۇرۇپلا ئىچ ئەزالىرىنىڭ سۇغۇرۇپ ئېلىنىدىغانلىقى ۋە ئورگان ئېكسپورتى ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان بىر يۈرۈش پاكىتلارنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
