كانادا پارلامېنتىغا «ئادەم ئىچكىي ئەزا ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» سۇنۇلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.06.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

كانادا پارلامېنتىغا «ئادەم ئىچكىي ئەزا ئەتكەسچىلىكلىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» سۇنۇلغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ب د ت نىڭ 12 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسىسسى 15-ئ‍ىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايغا ئۇيغۇرلارنى ئ‍ۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە فالۇنگوڭ قاتارلىق دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈشنىڭ نىشانىغا ئايلانغانلىقىغا ئائىت «ئىشەنچىلىك ئۇچۇرلار» غا ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان مەزگىلدە سۇنۇلغان.

مۇتەخەسىسسلەر خىتايدىكى ئېتنىك ياكى دىنىي ئاز سانلىق مىللەت تۇتقۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا قېنى تەكشۈرۈلىدىغانلىقى، ئۇلترا ئاۋازلىق ئەسۋاب ۋە رېنتېگىنلىق ئەسۋابلار بىلەن ئىچكىي ئەزالىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈپ، ئۇچۇرلىرىنىڭ خىتاينىڭ جانلىق ئىچكىي ئەزا سانلىق ئامبىرىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«خىتايدا ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈش دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقى» 15-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، S-204 نومۇرلىق «ئىچكىي ئەزا ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» نىڭ كانادا كېڭەش پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، ئەمدى «كانادا ئاۋام پالاتاسىنڭ ھەرىكەتكە ئ‍ۆتۈش ۋاقتى كەلگەنلىكى» نى ئېيتقان.

كانادانىڭ «ئىچكىي ئەزا ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» تۇنجى قېتىم 2008-يىلى سۇنۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ھازىرغا قەدەر كۆپ قېتىم تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن. «خىتايدا ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈش دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىش خەلقئارا ئىتتىپاقى» نىڭ باياناتىدا، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ 12 نەپەر ب د ت تەكشۈرگۈچىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسىسسىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، فالۇگوڭچىلار، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستيانلارنىڭ ئىچكىي ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئالغانلىقىغا جاۋاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھالقىلىق مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.