ژۇرنالىست ۋە پائالىيەتچىلەر چارشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا فالۇنگۇڭ، ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى كەڭ كۆلەملىك كۆچۈرۈش ئەھۋالى داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
800 بەتلىك بۇ دوكلاتنى كانادالىق ئادۋوكاتى دەيۋىد ماتاس، سابىق كانادا دىپلوماتى دەيۋىد كىلگور ۋە ئامېرىكىلىق ژۇرنالىست ئېتان گۇتمانلار يېزىپ چىققان. دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتايدا ھەر يىلى كۆچۈرۈلىدىغان ئادەم ئىچكى ئەزاسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغاندىن زور دەرىجىدە ئارتۇقكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا ھەر يىلى 10 مىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما دەيۋىد ماتاس چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا چاقىرغان ئاخبارات يىغىنىدا، ھازىر خىتايدا ھەر يىلى 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، بۇ ئىچكى ئەزالارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەئى فالۇنگۇڭچىلار، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەت ۋىجدان مەھبۇسلىرىكەن. ئۇلار خىتايدىكى ئىچكى ئەزا كۆچۈرىدىغان دوختۇرخانا، كارىۋات سانى ۋە باشقا ئاشكارا ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بۇ خۇلاسىنى چىقارغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلدىن باشلاپ مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى كۆچۈرۈشنى توختىتىپ، پەقەت پۇقرالار ئىئانە قىلغان ئىچكى ئەزالارنى كۆچۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەمما ژۇرنالىست گۇتمان چارشەنبە كۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا، پۇقرالار ئىئانە قىلغان ئىچكى ئەزا ناھايىتى ئاز قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.