خىتاينىڭ مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش سىياسىتى يەنە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.08.18

ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىگە دائىر خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى خوڭكوڭدا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقاندا، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش ھەرىكىتىنى يەنە بىر قېتىم كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلدى. ئۇلار شۇنداقلا بۇنداق بىر يىغىننىڭ خىتايغا تەۋە زېمىندا ئېچىلىشىنىمۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس، دەپ ئەيىبلىدى.

خىتاي دائىرىلىرى 2015-يىلى 1-يانۋاردىن ئېتىبارەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىشنى قانۇن بويىچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، مەزكۇر يىغىن ئېچىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن يەنى 17-ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى بىر قىسىم دوختۇرلار ۋە ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان تېببىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى «ئامېرىكا ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلغان خېتىدە خىتايدا بۇ قانۇننىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ھازىرقى ئەھۋالدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتايدا ئېلان قىلىنغان ئۆزگىرىشنىڭ ھەقىقەتەن ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خىتاينى ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇ كەسىپتىكى شېرىكىمىز، دەپ تونۇش ئاقىلانىلىك ئەمەس. بىز قاچان مۇستەقىل ھالدا، ئىسپاتلىرى بىلەن خىتايدا ئىچكى ئەزا يۆتكەشنىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن ھالدا كۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىمىغۇچە، تېببىي ساھەدىكىلەرنىڭ خىتايغا ئاكادېمىك ئېمبارگو قويۇشى بىز ئۈچۈن كەسپىي بۇرچتۇر.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىگە قاراشلىق تور بەتتە مۇشۇ يىلنىڭ 5-ئېيىدا «مەھبۇسلار ئورگانلىرىنى ئىئانە قىلسا بولىدۇ» دەيدىغان مەزمۇن ئېلان قىلىنغان ئىكەن. نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى بۇ فوندى جەمئىيەتكە تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، ئەمما جاۋاب ئالالمىغان.

بۈگۈن، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان شىنخۇا تورىمۇ بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتايدا بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 1795 قېتىم ئىچكى ئەزا ئىئانە قىلىنىپ، ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا 45 پىرسەنت ئۆرلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتايدا ئىچكى ئەزالارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش سىياسىتى بويىچە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى بىلەن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.