خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2021-يىللىق ئىدىيەۋى تەشۋىقات خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.01.25

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەشۋىقات ئورگانلىرى يىغىن چاقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ 2021-يىللىق ئىدىيەۋى تەشۋىقات خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمى 24-يانۋار رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات ئورگانلىرىنى يىغىنغا چاقىرىپ، بۇ يىللىق ئىدىيەۋى تەشۋىقات خىزمىتى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى «باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت بىلەن تەمىنلەش» نى تەلەپ قىلغان.

بۇ يىغىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ 19-يانۋار ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىشىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغان، ھۇجۇمنىڭ نىشانى ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيوغا قارىتىلغان بىر ۋاقىتتا ئېچىلغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، 24-يانۋاردىكى يىغىندا رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ «تېماتىك تەشۋىقاتنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭ مەدەنىيەت ئۆزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش…شىنجاڭنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئوبرازىنى نامايەن قىلىش» نى تەلەپ قىلغان.

خىتياينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ يىغىن ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىنكار قىلىۋاتقان خىتاينىڭ، ئامېرىكاغا قارشى تەشۋىقاتنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئۆزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى»، «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئىدىيەسى» نىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇل سالغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.