خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ماراكەشتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقىنىغا 2 يىل بولغان ئىدرىس ھەسەن ئۈچۈن تىۋىتتېر يوللاپ، ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك، ئۇنىڭغا ئەركىنلىك بېرىش توغرۇلۇق ماراكەش ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلغان.
20-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ چاقىرىقتا، «ئىدرىس ھەسەن تېخىچە ئۇ يەردە، ھەر ۋاقىت خىتايغا قايتۇرۇلۇش، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش خەۋپىدە تۇرماقتا. بىز ماراكەش ھۆكۈمىتىنى ئۇنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىككە چاقىرىمىز» دېيىلگەن؛ ئاندىن ئىدرىس ھەسەننىڭ سۈرىتى بىلەن بىرلىكتە «ھەممىمىزنىڭ ياشاش ھەققى، ياشىغاندىمۇ ئەركىنلىك ۋە تىنچلىقتا ياشاش ھەققىمىز بار» دېگەن سۆزلەر ھەمدە «جىددىي ھەرىكەت قىلىش» دېگەن ئەسكەرتىشلەر بېرىلگەن.
ئىدرىس ھەسەن ماراكەش دۆلەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرى تەرىپىدىن 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ماراكەشنىڭ كاسابلانكا ئايرودۇرۇمىدا قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان شۇ يەردىكى بىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
ئۆتكەن يىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق 40 تىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلات ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ماراكەش ھۆكۈمىتىدىن ئىدرىس ھەسەننى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.
