ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل 26 مىڭدىن ئارتۇق «ئىختىساسلىق خادىم» غا جىددىي ئېھتىياجلىقكەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2016‏-يىلى 26 مىڭ 627 نەپەر ئىختىساسلىق خادىمغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، خىتايدىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان «ئىختىساسلىق خادىملار» نىڭ دەرھال كېلىپ، ئىلتىماس قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، رايوننىڭ بۇ يىلقى ئىختىساسلىق خادىملارغا بولغان ئېھتىياجى 41 % ئارتقان. رايوندىكى ئىختىساسلىق خادىملارغا جىددىي ئېھتىياجلىق ساھەلەر ئورگان، ئىدارە‏-جەمئىيەت، كارخانا، سودا باشقۇرۇش، كەسپىي تېخنىكا ۋە باكالاۋرلىق، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئوقۇغۇچىلار ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئۇيغۇرلاردا ئىشسىزلىق ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما نېمە ئۈچۈن ئىشقا قوبۇل قىلىش نىشانىنى رايونغا قاراتماي، خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسىغا قاراتقانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن.

ھالبۇكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رايوندا ئىشقا نۇقتىلىق خىتايلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىش ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىق ۋە رايوندا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتقان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىشقا قوبۇل قىلىشتىكى بۇ خىل كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، بۇ يىل «ئىختىساسلىق خادىملار» غا ئەڭ كۆپ ئېھتىياجلىق رايونلار قەشقەر، خوتەن ۋە بورتالا ئوبلاستى ئىكەن.

خەۋەردە، قەشقەرنىڭ 5620 نەپەر، خوتەننىڭ 5127 نەپەر، بورتالانىڭ ئاز كەم 3500 نەپەر «ئىختىساسلىق خادىم» غا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.