ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ كورونا ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىدە ئىجتىمائىي ئالاقە چەكلىمىسىنىڭ 30-ئاپرېلغا قەدەر ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
پرېزىدېنت ترامپنىڭ 29-مارت ئاقسارايدا چاقىرغان ئاخبارات يىغىنىدا تەكىتلىشىچە، ئامېرىكادا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك «ئەڭ كۆپ ئۆلۈم-يىتىم كەلگۈسى 2 ھەپتە ئىچىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن» ئىكەن. ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە چەكلىمىسى كىشىلەرنىڭ «غەلىبە قىلىش يولى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئامېرىكادىكى يۇقۇم ئەھۋالى 6-ئايغا قەدەر ياخشىلىنىدۇ،» دېگەن.
خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى ئامېرىكاغا تارقىلىپ، نۆۋەتتە 140 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خىتاينىڭ ۋىرۇسقا دائىر ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇپ، ئۇنىڭ دۇنياۋى يۇقۇمغا ئايلىنىشىغا يول ئېچىشى ئامەرىكا-خىتاي ئارىسىدا قاتتىق سۈركىلىش پەيدا قىلغان. نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قاراتقان تەنقىدىنى بىر ئاز يۇمشاتقان بولسىمۇ، لېكىن بەزى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ يۇقۇمنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلماقتا.
27-مارت كۈنى ئامېرىكادىكى «تاشقى سىياسەت كېڭىشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى مايكېل سوبولىك «دۆلەت تەقرىزى» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىنى ئۆز پايدىسىغا ئىشلىتىشىگە يول قويۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «خىتاي كومپارتىيەسى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ يۇقۇمىدا ھەم ئوت قويغۇچى ھەم ئوت ئۆچۈرگۈچى رولىنى ئوينىماقتا» ئىكەن. ئۇ بۇ ئوتنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قويغانلىقى، لېكىن ھازىر ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى قىياپەتكە كىرىۋالغانلىقى، لېكىن «ئامېرىكالىقلار چوقۇم بىرلىشىپ، كومپارتىيەنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈرگەن.