خىتاي ھەققىدىكى ئىككى يېڭى قانۇن لايىھەسى دەسلەپكى قەدەمدە ماقۇللاندى
2023.03.28
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 27-مارت كۈنى خىتايدا كەڭ ئەۋج ئالغان ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقى قىلمىشىغا جازا بېرىش مەزمۇنىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تارىخىدا بۇ ساھەدىكى تۇنجى قانۇن لايىھەسى بارلىققا كەلدى. «2023-يىللىق مەجبۇرىي ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىنى توختىتىش قانۇنى» دەپ نام بېرىلگەن مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئىككىگە قارشى 413 ئاۋاز بىلەن مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ئىچىدە ماقۇللاندى.
«ئېرا ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 27-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن كرىستوفېر سىمىس (Chris Smith)، توم كاتتون (Tom Cotton) قاتارلىق ئون نەچچە كىشى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىش ۋە تونۇشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىللارچە تىرىشچانلىقى ئاخىرى ئۆز نەتىجىسىنى تاپقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى تۈرمىلەردىكى ۋە لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى مەجبۇرىي يوسۇندا سۇغۇرۇۋېلىش قىلمىشىنى چەكلەشنى مۇھىم نىشان قىلغان بولۇپ، بۇ خىل قەبىھ جىنايەتلەرگە چېتىلىپ قالغان كىشىلەرگە 250 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىغىچە جەرىمانە قويۇش ھەمدە 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ. نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا قامالغان مىليونلارچە تۇتقۇننىڭ بۇ خىل قەبىھ جىنايەتنىڭ ئوبيېكتى بولۇۋاتقانلىقى كۆپ تەرەپلىمە ئۇچۇر يوللىرىدىن مەلۇم بولغان ھەمدە ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاقىۋەتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭكىدىن ئانچە پەرق قىلمايدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. كرىستوفېر سىمىس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ قىلمىش ماھىيەتتە ئەڭ چوڭ زۇلۇم تۈرىگە مەنسۇپ. شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتتۇر. يەنە كېلىپ بۇ ئۇرۇش جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىگۇناھ ئىنسانلارغا زۇلۇم سېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا شى جىنپىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار بولۇشى لازىم» دېگەن.
«فوكۇس خەۋەرلىرى» نىڭ 27-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئاۋام پالاتاسى يەنە خىتاينى «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، دەپ قارىماسلىق» ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنىمۇ ماقۇللىغان. پالاتا ئەزالىرىدىن ياڭ كىم (Young Kim) قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئەمەس» نامىدىكى بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئاۋام پالاتاسىدىكى 415 كىشى تولۇق ئاۋاز قوشقان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى خىتايغا «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشقا خاتىمە بېرىشنى مۇھىم نىشان قىلغان بولۇپ، بۇ قانۇن بويىچە خىتاينىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» نامىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ۋە سودا ئورگانلىرىنىڭ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋېلىشىغا چەك قويۇلىدۇ.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم بۇ ھەقتىكى ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى جەريانىدا سۆز قىلىپ «خىتاي ھازىر ئۆزلىرىنى ‹تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت› دەپ تۇرۇپ ‹تەرەققىياتقا ياردەم بېرىش› نامىدىكى كۆپلىگەن قەرزلەر ۋە ياردەم تۈرلىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ھازىر نەچچە تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغنى ھەقىقىي مەنىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى› نامىدا قەرز دىپلوماتىيەسىگە سەرپ قىلىپ دىپلوماتىيە قۇيمىچىلىقى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىدۇ. ئەمدى بۇ خىل ئالدامچىلىققا خاتىمە بېرىشنىڭ پەيتى كەلدى» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى زور ئىقتىسادىي گەۋدە، دەپ تونۇلۇۋاتقان خىتاينىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» دېگەن نامدا ئاتىلىشى ئەمەلىيەتكە قىلچىمۇ ئۇيغۇن بولمىغان باھالاش ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا بۇ قانۇن لايىھەسى ئاخىرقى ھېسابتا رەسمىي قانۇنغا ئايلانسا ئۇ ھالدا خىتاي ھازىرغا قەدەر بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتقان بىر قاتار ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر بىراقلا ئاخىرلىشىدىكەن.