خىتاينىڭ ئىككى پۇقراسى ئامېرىكادا  تېخنىكا ئوغرىلىقى بىلەن ئەيىبلەندى

خىتاينىڭ ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئىككى پۇقراسى ئامېرىكانىڭ تېخنىكىسىنى خىتايغا قانۇنسىز ئېكسپورت قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ئەدلىيە ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە ئورۇنلىرى 44 ياشلىق خەن لى بىلەن 64 ياشلىق لىن چېننى ئامېرىكانىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسىنى ئوغرىلاپ، خىتاي شىركەتلىرىگە يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنغانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن. ئەگەر جىنايەت رەسمىي بېكىتىلسە، بۇ ئىككى خىتاي پۇقراسى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ۋە نەچچە مىليون دوللارلىق جەرىمانە تۆلەشكە مەھكۇم قىلىنىدىكەن.

ئەيىبنامىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى جىنايەت گۇماندارى ئامېرىكانىڭ تېخنىكىسى بولغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيالنى كېسىدىغان ئۈسكۈنىنى خىتاي شىركىتىگە تەمىنلەپ بېرىش كويىغا كىرگەن. 2015-يىلدىن 2018-يىلغىچە ئۇلار بىر قاتار ۋاسىتىچى شىركەتلەر ئارقىلىق كۆز بوياپ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلماقچى بولغان؛ ئارقىدىن ئامېرىكا تاموژنىسىنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىپ، ئامېرىكا تەرىپىدىن چەكلەنگەن بىر خىتاي شىركىتىگە ئۇنى تەمىنلەپ بېرىشكە ئۇرۇنغان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن تەپتىشى مەسيۇ ئولسېن (Matthew Olsen) بۇ دېلو ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئەدلىيە مىنىستىرلىقىمىز تاموژنىنى قاتتىق باشقۇرىدۇ ھەمدە ئامېرىكا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ۋە دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكىگە چېتىلىدىغان تېخنىكىلارنى قانۇنسىز يولدىن سېتىۋالغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرىدۇ».

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكادىن تېخنىكا ئوغرىلاش قىلمىشى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سودا ۋە تاموژنا چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكانىڭ ئىلغار تېخنىكىسىنىڭ خىتاينىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلاپ قالماقچى بولغان. بۇ قېتىمقى تېخنىكا ئوغرىلىقى دېلوسىنى تەكشۈرۈشكە ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى، ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار تەڭ قاتناشقان.