خىتاينىڭ كومپارتىيەسىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمىكى» 7-مارت كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ئىچى ۋە چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئالغا دۇچ كەلگەن.
ئاخبارات يىغىنىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىدا تارقىتىلغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، مەيداندىكى مۇخبىرلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان پاختىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بار-يوقلۇقىنى سورىغان.
يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان خىتاي رەھبەرلەر بۇنىڭغا ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ئەكرەم مەمەتئىمىن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ۋەكىلنى جاۋاب بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە «ھازىرقى پاختا تېرىش ئىشلىرى پۈتۈنلەي ماشىنىلاشتى. ئامېرىكا شىنجاڭنىڭ پاختا يىپ سانائىتىگە ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› نامىدا جازا يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، ماھىيەتتە شىنجاڭدا ‹مەجبۇرىي ئىشسىزلىق› ۋە ‹مەجبۇرىي نامراتلىق› پەيدا قىلدى» دېگەندەك جاۋابلارنى بەرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بارلىق جەريانلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بارلىقى ھەققىدىكى تەنقىدلەرگە دۇچ كەلگەندە داۋاملىق ھالدا رايوندىكى پاختا تېرىش ئىشلىرىنىڭ ماشىنىلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.
ھالبۇكى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىدە مۇتەخەسسىسلەشكەن تەتقىقاتچى، كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنز بۇلتۇر 5-ئايدا ئېلان قىلغان مەخسۇس دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆسىدىغان ئۇزۇن تالالىق پاختىنى تېخىچە ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىش ئىمكانى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ ئادەم كۈچىگە تايىنىپ بىرمۇ بىر تېرىپ توپلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا 2021- ۋە 2022-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل مەجبۇرىي پاختا تېرىشكە يۆتكەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل پەسىللىك ئەمگەك كۈچى يۆتكەش سىياسىتى خىتاينىڭ 2021-يىلدىن 2025-يىلغىچە بولغان بەش يىللىق خىزمەت پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
