خىتاينىڭ بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنى 11-مارت كۈنى ئاياغلاشقان بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللىرى بىرلەشمە ئىمزالىق 6 تەكلىپ لايىھەسى، 127 پارچە پىكىر بەرگەن.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى»، «شىنجاڭ گېزىتى» تورى 11-مارت كۈنى چىقارغان خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ئىككى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بەرگەن 6 تەكلىپ لايىھەسى «چەت ئەلنىڭ جازا چەكلىمىسىگە قارشى تۇرۇش قانۇنى، ئەركىن سودا سىناق رايونىنى بېكىتىش قانۇنى» قاتارلىقلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ۋەكىللەر بەرگەن 127 خىل پىكىر بولسا، ئۇيغۇر رايونىدىكى نېفىت ۋە كۆمۈر بايلىقىنى تېخىمۇ كۆپ ئېچىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشنى تېزلىتىش، يېڭى نېفىت بايلىقى، كان بايلىقى ئىزدەشتە بۆسۈش يارىتىش، كۆمۈردىن توك ئىشلەپچىقىرىشنى، شۇنداقلا «شىنجاڭ توكىنى ئىچكىرىگە يەتكۈزۈش، شىنجاڭ كۆمۈرىنى ئىچكىرىگە توشۇش» نى كۆپەيتىش، ئاشلىق، چارۋىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بۇ ۋەكىللەر بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلەر ئومۇمەن خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» گە ماسلاشقان بولۇپ، بىر ياقتىن چەت ئەلنىڭ جازا چەكلىمىسىگە قارشى تۇرۇش، بىر ياقتىن ئۇيغۇر رايونىدىكى بايلىقلارنى قېزىش، توشۇش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشنى تېزلىتىش ئاساسلىق نىشان قىلىنغان.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى ئىچكىرى خىتايغا توشۇشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، يېڭى تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ سۈرئىتى تېزلەشكەن. يېقىنقى يىللاردا بولسا يېڭى ئېنېرگىيە ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەنلىكى مەلۇم. تۈركىيەدىكى ھاجىتتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن خىتاي ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا خاتىرجەم مەبلەغ سالالىغان بولۇپ، ھازىر بولسا ئۇيغۇر رايونىنى ئاشلىق، گۆش ۋە باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئارقا سەپ بازىسىغا ئايلاندۇرماقتىكەن.
