بايىنغولىن ئوبلاستى «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» ۋە ئۇلارنىڭ «ئارقا تىرەكلىرى» نى پاش قىلىش ھەرىكىتى قوزغىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.02.22

بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ بىرلىكسەپ بۆلۈمى 22‏-فېۋرال ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كىشىلەرنى، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىدىكى دىنىي زاتلار، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» ۋە ئۇلارنىڭ ئارقا تىرەكلىرىنى پاش قىلىشقا چاقىرغان.

ئوبلاستلىق بىرلىكسەپ بۆلۈمى يەنە بۇ خىل كىشىلەرنى پاش قىلىدىغان مەخسۇس تېلېفون لىنىيەسى تەسىس قىلغان. كۆزەتكۈچىلەر، بايىنغولىن ئوبلاستلىق بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنىڭ «توردىن چۈشۈپ قالغان» دىنىي زاتلار، دىنىي ۋە مىللىي ئىشلار خىزمىتى ساھەسىدىكى ئۇيغۇر كادىرلارنى باستۇرۇشقا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىغان. بۇ ھەرىكەتتە مىڭلىغان ئۇيغۇر كادىرلىرى، زىيالىي، دىنىي زات ۋە كەسپىي خادىملىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ «قارا كۈچلەرنى تازىلاپ، قەبىھ كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىدىكى پاش قىلىش قانىلىغا دائىر ئۇقتۇرۇشى» ناملىق ئېلانىدا، «خەلقنى ئۆزىگە تارتىپ مەمۇرى، ئەدلىيە، مائارىپ، پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە ئارىلاشقان، ئاساسىي قاتلامنىڭ دىنىي خىزمەتكە كاشىلا پەيدا قىلغان، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقاتقان، ئالدىدا بىر خىل، ئارقىدا بىر خىل بولغان دىنىي زاتلار، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» ۋە ئۇلارنىڭ ئارقا تىرەكلىرى» نى پاش قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

بايىنغولىن ئوبلاستى بۇ ھەرىكىتىنى خەلقئارادا خىتاينىڭ 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ئۇلارنى كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىشى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە باشلىغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 22‏-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يېقىندا باشلىنىدىغان پەسىللىك يىغىنىدا لاگېرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.