خەلقئارادىكى 400 نەپەر بىلىم ئادىمى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت يېزىپ ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.01.18

«خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە تونۇلغان 400 نەپەر بىلىم ئادىمى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت يېزىپ، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.

مەلۇمكى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، شۇ يىلى 23-سېنتەبىردە ئۈرۈمچىدە سوتلانغان ۋە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋىجدان مەھبۇسى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا ئىككى يىل تولغان بىر مەزگىلدە دۇنيادىكى 400 نەپەر ئىلىم ئەھلىنىڭ كوللېكتىپ ئوچۇق خېتىنى ئېلان قىلغان.

ئوچۇق خەتتە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى نىكولاس بېكۇلىننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېيىلگەن: «ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىگە تىنچ ئۇسۇلدا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن رەھىمسىزلەرچە جازالانغان ۋىجدان مەھبۇسىدۇر.»

ئوچۇق خەتتە يەنە مۇنۇلار تەكىتلەنگەن: «دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكى شۇنچە كۆپ ئىلىم ئەھلى بىرلىشىپ، ناھەق مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقان بىر خەلقنىڭ ھەققانىيەتكە بولغان ساداسىنى ئاڭلاتقان ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ چوقۇم دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكى سەرخىللارنىڭ مۇراجىتىگە قۇلاق سېلىشى كېرەك!»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.