گۈزەلنۇر خانىم رادىيومىزغا ئىلھام توختى ۋە ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئەھۋاللىرىنى ئاڭلاتتى

2014 - يىلى 9 - ئايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئېرى ئىلھام توختىنى يىلدا ئاران بىر قېتىم يوقلىيالايدىغانلىقىنى ۋە يۇقىرى ئىستىمال شەھىرى بولغان بېيجىڭدا تۇرمۇشتا قىينىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.


2014 - يىلى 9 - ئايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئېرى ئىلھام توختىنى يىلدا ئاران بىر قېتىم يوقلىيالايدىغانلىقىنى ۋە يۇقىرى ئىستىمال شەھىرى بولغان بېيجىڭدا تۇرمۇشتا قىينىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سەيشەنبە كۈنى رادىيومىزنىڭ خوڭكوڭدىكى مۇخبىرىغا ئەھۋالىنى بىلدۈرگەن گۈزەلنۇر خانىم، ئەسلى 3 - ئايدا ئۈرۈمچى 1 - تۈرمىسىدىكى ئىلھام ئەپەندىنى يوقلاشنى پىلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بالىلارغا قارايدىغان ئادەم بولمىغانلىقى ۋە ئىقتىساتتا قىينالغىنى ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارالمىغانلىقىنى، بۇ يىل يازلىق تەتىلدە بالىلارنى ئېلىپ يۇرتقا قايتقاندا ئىلھامنى يوقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گۈزەلنۇر خانىم يەنە ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، «تۈرمە دائىرىلىرى ئۇنى يالغۇز كامىرغا سولىغانلىقى ئۈچۈن باشقا مەھبۇسلار بىلەن بىللە سىرتقا ئەمگەككە چىقمايدىكەن. تۈرمىدە كىتاب كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما سىرتتىن كىتاب كىرگۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئىلھام توختىغا ھەتتا كىيىم - كېچەكمۇ كىرگۈزۈش ئىمكانىيىتى بولمايۋاتىدۇ» دېدى.

گۇزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام ئەپەندىنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن تىبەت يازغۇچىسى ۋوئېسېر خانىم، خۇ جيا ئەپەندىلەر بۇ ئائىلىگە ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەمدە بولۇپ تۇرغان. خۇ جيا ئەپەندى 26 - ئاپرىل رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئىلھام ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئايالى گۈزەلنۇر خانىم ئىككى بالا بىلەن بېيجىڭدا كۆپ قىينالدى. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قورقۇش ۋەھىمىسىدە بولغىنى ئۈچۈن بۇ ئائىلىگە ياردەم قىلالمايۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قىينچىلىق ئىچىدىكى ھاياتى ئەمدى باشلاندى، بۇ ئەھۋالغا خەلقئارا جىددىي دىققەت قىلىشى، ياردەمدە بولۇشى كېرەك. ئىلھام ئەپەندىگە ئوخشاش ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلغان كىشى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ۋە ساخاروپ ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى كېرەك!» دېدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org