ياۋروپادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ياۋروپا پارلامېنتىدا يىغىن چاقىرىپ، ئىلھام توختىنىڭ نۇقتىئىنەزىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.05.05

ياۋروپادىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار 25‏-ماي ياۋروپا پارلامېنتىدا يىغىن چاقىرىپ، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ھەمدە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى ئىلھام توختىنىڭ نۇقتىئىنەزىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.

«خىتاي ھەقىقەتەن مىللىي ئىناقلىقنى ئىستەمدۇ؟ پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ نۇقتىئىنەزىرى» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇلغارىيەلىك ئەزاسى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ لىبېرال ۋە دېموكراتىك ئىتتىپاقى گۇرۇھى ئەزاسى ئىلخان كيۇچيۇكنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر-خەلقلەر تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ يىغىننىڭ نىشانى «خىتايدا ئۇيغۇرلار يولۇقۇۋاتقان ئومۇمىي ۋەزىيەتكە، خۇسۇسەن خىتاينىڭ 2001‏-يىلى باشلىغان گۇمانلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىگە دىققەت قوزغاش. ئىلھام توختىنىڭ دېلوسىدا خەلقئارا قوللاشقا ئېرىشىش» دەپ كۆرسەتتى.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر-خەلقلەر تەشكىلاتى «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى»، «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» بىلەن بىرگە، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى.

ئۇ ئۇقتۇرۇشىدا، ئىلھام توختى تەتقىقاتى ۋە ھەرىكىتىنى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆز‏-ئارا كۆۋرۈك قۇرۇشقا، ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا قاراتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ «مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ‹خىتايدا ئوچۇق پىكىرلىك، مۆتىدىل كىشىلەرگە ئورۇن يوق› دېگەن سىگنالنى بەردى» دەپ كۆرسەتتى.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر-خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يىغىن ئاكادېمىكلارنى، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنى، سىياسەتچىلەر ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.